باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پىدائىلار تەشكىللىگەن «چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» ھەركىتى باشلاندى

2015.02.05 11:11         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈندىن باشلاپ چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى مەزگىلى باشلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 19 پىدائىلار ئەترىتىدىن تەشكىللەنگەن 200 دىن ئارتۇق پىدائىي ھەر قايسى نۇقتىلاردا ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىي مۇلازىمىتى بىلەن كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۇلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىشنى باشلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيىتى 3- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

  بۇ قېتىمقى پىدائىلار تەشكىللىگەن «چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» ھەركىتى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋاگزال، دىئوۋپو خەلقئارالىق ئايرىدىرومى، ھەرقايسى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبوس بىكەتلىرى قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ۋاگزال بېلەت سىتىش كۆزنىكى، پويىز ساقلاش ئورنى، سۇ بىلەن تەمنلەش ئورنى قاتارلىق جايلاردا كىشىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش سۇپىسى ھازىرلانغان. تۆمۈر يول سېستىمىسىدىكى 18 ئىشچى- خىزمەتچىمۇ دەم ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ پىدائىلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتناشتى. شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىدىكى 36 نەپەر ئوقۇغۇچى قىشلىق تەتىللىك دەپ ئېلىشنى ۋاگزالدا يولىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئاجراتتى. ئاپتونوم رايونلوق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتىتى 1- تارماق دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلوق ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئۈچ دوختۇرخانا پىدائىلار داۋالاش مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ياشانغانلار، بالىلار، ئېغىر ئاياق يولۇچىلارغا داۋالاش مۇلازىمتى ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويدى. ئۈرۈمچى لىي فىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى بىلەن مېيىپ پىدائىلار ئەترىتى تەشكىللىنىپ 70 تىن ئارتۇق تاكسىنى ئاجرىتىپ، يولۇچىلار دۈچ كېلىدىغان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشقا ھازىرلاندى. ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋاگزالىدا شىنجاڭ «10 يۈەن مېھرىبانلىق فوندى» پىدائىلار ئەترىتى چىرايلىق قاپقا ئېلىنغان مىڭدىن ئارتۇق ناننى يۇرتىغا قايتىدىغان ھەر مىللەت يولۇچىلارغا يوللۇق سۈپىتىدە تۇتتى.

  شىنجاڭ پىدائىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئولى ۋۇ توڭيۈ مۇنداق دىدى: «چاغانلىق يولوچى توشۇش مەزگىلىدە پىدائىلار ئوخشاش ئۆلچەملىك لىنتا تاقايدۇ، يولۇچىلارنىڭ مۇلازىمەت تەلىپى بولسا مۇلازىمەت رايونىدىكى پىدائىلاردىن ياردەم سورىسا بولىدۇ».

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر