باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈچ چوڭ ئۈمىدى بار

2015.02.04 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىل كىرىشى بىلەن جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ بۇ يىللىق جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيەسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى، مۇنبەردە كەلگۈسى بەش يىلدىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى پىلانلاندى.

  ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن 3-نۆۋەتلىك لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو- لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرىگە ئىنكاس بىلدۈردى ،ئۇلار ماقۇللىغان « بىلۇن سىياسىي باياناتى»دا مۇنبەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھۆججەتلىرىدىكى ئارزۇنى دەرھال ئىزچىل ئىجرا قىلىش قايتا تەكىتلەندى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئىقتىسادى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى ئالىسىيە بارسەينا لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ: لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىدە ئىقتىساد سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشتە يېڭى سەھىپە ئېچىلدى، دېدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن كارىب رايونىنىڭ ئىقتىسادى تېزدىن تۆۋەنلەپ كەتتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسىدىكى رايونلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېكسپورت بازىرى ئىقتىسادىنىڭ ھاياتى كۈچى تۆۋەن بولدى. جۇڭگو بولسا لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئېكسپورت نىشانلىق جايىغا ئايلاندى، بۇنىڭ مۇھىملىقى كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا داۋاملىق ئاشىدۇ، جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرىدە بىر قاتار ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرى ئوتتۇرغا قويۇلدى، بۇ لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئورتاق گەۋدىسى ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى جۇڭگو ياۋروپا ئەللىرىدىن ئېشىپ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب رايونىنىڭ 2-چوڭ ئېكسپورت نىشانلىق جايى بولۇپ قالغان. 2010-يىلى جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ 2-چوڭ ئىمپورت كېلىش مەنبەسى ئىدى.

  لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئورتاق گەۋدىسى ئىقتىساد كومىتېتى ئېلان قىلغان « جۇڭگو بىلەن مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىساد سودا بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش» دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدا، لاتىن ئامېرىكىسى رايونى جۇڭگو ھەمدە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى بىلەن قانداق قىلىپ تېخىمۇ بىردەك سۆزلىشىشتەك ئاچقۇچلۇق خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. جۇڭگو يېقىندا لاتىن ئامېرىكىسىغا 2015-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ھەمكارلىق رامكىسىنى ئوتتۇرغا قويدى، بۇ 6+3+ 1رامكا دەپ ئاتالدى. ھازىر بۇ رايون بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرسە بولىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى.

  بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرۈش كېرەك؟ ئومۇمەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىقتىساد سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇنداق ئۈچ چوڭ ئۈمىدى بار.

  1-، لاتىن ئامېرىكىسى جۇڭگوغا قىلىدىغان ئېكسپورتنى كۆپەيتىشنى، جۇڭگو بىلەن بولغان سودا پاسسىپ بالانسىنى كىچىكلىتىپ، جۇڭگوغا قىلىدىغان ئېكسپورتنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئورتاق گەۋدىسى ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلىغىچە لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئۇددا ئۈچ يىل ئېكسپورتى ئوبدان بولمىغان. لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ ئىپتىدائىي مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىش نىسبىتى جۇڭگوغا قىلغان ئومۇمىي ئېكسپورتىنىڭ %73 ئىگىلىگەن.

  شۇڭا جۇڭگوغا قىلىدىغان ئېكسپورتنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئەنئەنىۋىي بازىرى تەلىپىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئېكسپورتىغا بولغان تەسىرىنى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ؛ جۇڭگودىن ئىمپورتنى قىلىشىنى كېڭەيتىش- پۇل پاخاللىق بېسىمىنى توسۇشقا پايدىلىق، بۇ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نامرات نوپۇسنىڭ تېخىمۇ ئەرزان ئىستىمال بۇيۇملىرىنى تاللىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگوغا قىلىدىغان ئېكسپورتنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۆز ئارا تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  2-، لاتىن ئامېرىكىسى جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىشىنى ھەمدە مەبلەغ سېلىش ساھەسىنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شەك شۈبھىسىزكى جۇڭگو چەتئەلگە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشتا لاتىن ئامېرىكىسىدا مۇنداق ئىككى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ: بىرى، مەبلەغ سوممىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلسىمۇ، لېكىن يەنىلا غايەت زور يوشۇرۇن كۈچنى قېزىشقا توغرا كېلىدۇ، يەنە بىرى، مەبلەغ سېلىشنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ، ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەت كەسپى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ جايدىكى جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئىككى خىرىسنى يېڭىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ تىرىشچانلىقىغىلا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىمۇ بۇنىڭغا ماسلىشىشى كېرەك.

  3-، لاتىن ئامېرىكىسى جۇڭگو سالىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسى مەبلەغ سېلىشتا بولۇپمۇ يۇقىرى پەن تېخنىكا ۋە يۇقىرى كۆپەيمە قىممەتلىك تاۋالارنى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

  بۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو ئەمەلىي ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىقتىساد سودا سىستېمىسىنى جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئارزۇ قىلىۋاتقان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، رايون ھەرىكەت كۈن تەرتىپ جەدۋىلىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى تەرتىپىنى بىردەك ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

  جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ بەردى، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى بىردەك ماسلىشىپ، ھەقىقىي ئىزچىل ئەمىلىيلەشتۈرىدىغانلا بولسا، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى تېخىمۇ پارلىق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر