باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەلبى گۈزەل شىنجاڭلىق - بىڭتۈەن 7- شىسى 137- تۈەنىدىكى چارۋىچى جېبېك

2015.02.05 11:16         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىڭتۈەن 7- شىسى 137- تۈەنىدىكى چارۋىچى جېبېك 20 يىلدىن بۇيان، چېگرا قوغداش سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، يەرلىكتىكى ئامما تەرىپىدىن «چېگرا لىنىيەسىدىكى سادىق قوغدىغۇچى» دەپ ئاتالدى.

  يىلبويى ئىگىز ۋە سوغۇق تاغلىق رايوندا تۇرغاچقا، جېبېك ئېغىر رىماتىزىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، مەيلى بوران چىقسۇن ياكى قار ياغسۇن ئۇ ھەر كۈنى 7 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىنى چارلاشنى توختىتىپ قويمىدى.

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، چېگرا قوغدىغۇچىلار ھەر ئايدا كۆكتات سېتىۋېلىش ئۈچۈن تاغدىن چۈشكەندە، چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىغا بىر قېتىم ئەھۋال دوكلات قىلاتتى. ئەمما، جېبېق ھەر يېرىم ئايدا بىر قېتىم ئەھۋال دوكلات قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىغا ئەھۋال مەلۇم قىلدى. دەل مۇشۇنداق ئەستايىدىللىق نەتىجىسىدە، 20 يىللىق چېگرا قوغداش خىزمىتىدە، ئۇ 100 قېتىمدىن ئارتۇق چېگرا لىنىيەسىگە يېقىن جايدا ياكى چېگرا ھالقىپ چارۋا بېقىش ۋەقەسىنى توسۇپ قالدى. ئۇنىڭ ھەر ئايدا ئالىدىغان چېگرا قوغداش تولۇقلىمىسى ئاران 290 يۈەن بولسىمۇ، 60 ياشقا يېقىنلاپ قالغان بۇ بوۋاي مېيىپ پۇتىنى سۆرەپ، ھەر كۈنى 7 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىنى چارلاشنى توختىتىپ باقمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «چېگرا لىنىيەسىنى قوغداش-- مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم. ياشقا چوڭ بولۇپ قالدىم، ئىشلىيەلەيدىغان ۋاقتىم ساناقلىق قالدى. ئەمما، ئىككى ئوغلۇم بۇ سەپكە قېتىلدى. ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، چېگرا قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر