باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا ئىشلىرىدىكى تۆمۈريول ترانسپورتى ئېچىلدى

2015.02.05 11:12         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1- ئاينىڭ 29- كۈنى كۈيتۈندىن گىروزىيە پايتەختى تېبلىسقا بارىدىغان خەلقئارا يۈك پويىزىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمىدا، قازاقىستان ئىكاڭموس ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى دېمېترى كاسروف مەخسۇس تەكشۈرۈشكە كېلىپ، دۆلەت ھالقىغان توشۇش ئۇسۇلى ۋە باھاسىنى ئىگىلىدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىققا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تاۋارلىرى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە. بىز ماددىي ئوبورۇت مەركىزىدىن بىرنى قۇرۇپ، جۇڭگولۇق سودىگەرلەر ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدا بىر يول ئاچماقچى. ھازىر بىز ياخشى توشۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. تۆمۈريول يۈك ترانسپورت پويىزى بىزنى ڭ مۇھىم تاللىشىمىز.

  يىپەك يولى ئارقىلىق غەربكە يۈزلەنگەن خەلقئارالىق يۈك پويىزى نورماللاشقان ۋە بازارلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا ئىشلىرىدىكى تۆمۈريول ترانسپورتى ئېچىلدى. بۇ مۇقەررەر ھالدا چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىغا نىسبەتەن زور خوشخەۋەر ھىساپلىنىدۇ. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىدىن ۋاڭ نىڭ مۇنداق دېدى: تۆمۈريولنىڭ ئېچىلغانلىقى، ماددىي ئوبورۇت شارائىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر تايانچ. قارشى تەرەپ نىمىگە ئېھتىياجلىق بولسا بىۋاستە تور ئارقىلىق ئالاقىلىشىدۇ ھەم ماددىي ئوبورۇتقا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلقئارا يۈك ترانسپورت مەخسۇس پويىزىنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئالاھىدە ئۆسۈپ، تەننەرخى تۆۋەنلىدى. ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تۆمۈريول تەرەققىياتىغا تايانچ بولدى.

  جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا تۇلۇقلاش كۈچى ناھايىتى زور بولۇپ، مەھسۇلاتلار خېلى پەرىقلىنىدۇ. ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر قانچە ئېلېكتر سودىگەرلىرى بۇ ساھەگە كىرىشكە باشلىدى. شىنجاڭ ئاسىيا- ياۋرۇپا خەلقئارا ماددىي ئوبورۇت سودا چەكلىك شىركىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن كۆپ مىقدارلىق تاۋار سودىسى ئېلىپ بارىدىغان ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى سۇپا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ. شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى چاڭ خەيچياڭ مۇنداق دېدى: بىز كىچىك ئورالمىلىق ياكى ئۇششاق تاۋار قاتارلىق پارچە تاۋار ماددىي ئوبورۇتى بىلەن شۇغۇللىنىمىز. غەربكە بارىدىغان پويىز يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بىز كىچىك تاۋارلارنى توپلاپ كونتېينېرغا قاچىلاپ جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەتئەلگە توشۇيمىز. بىز شىنجاڭنىڭ مەخسۇس پويىز تەسىس قىلىپ، ئۇنى تاشكەنت ياكى بېشكەككىچە ئۇزارتىشىنى، يول بويى بىر قانچە نوقتا تەسىس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ناۋادا يول بويى توختىغىلى بولسا، يەنە نۇرغۇن مالنى بۇ پويىزغا قاچىلىغىلى بۇلىدۇ. بىز بۇ لىنىيىگە زور ئۈمىد باغلىدۇق. ئۇنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر