باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ھاۋارايى سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن

2015.02.05 11:14         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىزنىڭ تۈنۈگۈن ئېچىلغان، 2015- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋارايى ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز ھاۋارايى سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيىسى كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. پەۋقۇلئاددە زور ئاپەت خاراكتىرلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن بەرگەن مەلۇماتىنىڭ ۋاقىتچانلىقى ۋە توغرىلىق دەرىجىسى ئۆسكەن.

  مەسىلەن، بۇلتۇر، 4- ئاينىڭ 23- كۈنى كۈچلۈك جۇدۇن بولۇش ئالدىدا بېرىلگەن مەلۇمات ناھايىتى توغرا ھەمدە ناھايىتى ۋاقتىدا بولغان. جۇدۇنلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغان رايونلار، داۋاملىشىش ۋاقتىدىن بەش كۈن بۇرۇن مەلۇمات بېرىلگەن. جۇدۇن، بوران، قىرو، چاڭ توزانلىق ھاۋارايى، تاش يوللارنىڭ مۇز تۇتۇش دەرىجىسى قاتارلىق بەش تۈردە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلگەن. ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، قاتناشقا چەك قويۇش، پويىزنى توختىتىپ بوراندىن دالدىلىنىش، ئىگىزلىكتە مەشغۇلات قىلىشنى توختىتىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە يېڭى تۇغۇلغان چارۋا ماللارنى قوغداش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئاپەت خاراكتىرلىك ھاۋارايى كەلتۈرىدىغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگەن.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ بىكىتىلگەن بولۇپ، «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش تورى» سۇپا قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك كېۋەز ئۆستۈرۈشنى ھاۋارايى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن. لەنجۇ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنى «ئوتتۇز چاقىرىملىق»، «يۈز چاقىرىملىق» شامال رايونىغا ئائىت ھاۋارايى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان. ئېلېكتر تورى بىسىمى ۋە ئېلېكتر تورىنىڭ بورانغا بەرداشلىق بېرىشىگە قارىتا ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھاۋارايى سىستېمىسى بۇ يىل ئۈرۈمچىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش بازا قۇرۇلۇشى تۈرىنى تۇرغۇزۇشنى تېزلىتىدىكەن. «تۇرپان، قۇمۇل رايونىنىڭ بوشلۇقتىكى سۇ مەنبەسىنى ئېچىپ پايدىلىنىش» قۇرۇلۇشىنى؛ قاراماي، كورلا، خوتەندىكى ئاۋىئاتسىيە مەشغۇلاتىغا كاپالەتلىك قىلىش بازا قۇرۇلۇشىنى تاماملايدىكەن. جەنۇبى شىنجاڭدا ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش ماسلاشتۇرۇش قوماندانلىق شتابى تەسىس قىلىپ، جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىدىكەن. پەن- تەتقىقات ئەتىرىتى تەشكىللەپ، شىمالى شىنجاڭدا قىش پەسلىدە سۈنئىي قار ياغدۇرۇش، جەنۇبى شىنجاڭنىڭ غەربىدە ياز پەسلىدە مۆلدۈردىن سۈنئىي ئۇسۇلدا مۇداپىئە كۆرۈش تېخنىكا تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر