باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە تۈرتكە بولۇشى رايوننىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ھەمكارلىقلا ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ئاقىلانە تاللاش

2015.02.04 16:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى ئۆز-ئارا زىيارەت قىلسىلا، نۇرغۇن غەرب تاراتقۇلىرى ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئۇلار بۇنداق زىيارەتنىڭ كونا مۇقامغا توۋلاۋاتقانلىقىغا پىسەنت قىلماستىن، ئۇنىڭغا جۇڭگونى «تىزگىنلەش» «مەسئۇلىيىتى»نى يۈكلىدى. ئەينى يىلى زۇڭتۇڭ بۇش ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغاندا شۇنداق بولغان ئىدى، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا زۇڭتۇڭ ئوباما ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغاندىمۇ شۇنداق بولدى.

  ئەنگلىيەدىكى «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ئوباما كۈچلۈك ھىندىستان ئارقىلىق كۈنسېرى قەد كۆتۈرىۋاتقان جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، ئوخشاش سەۋەبتىن، ھىندىستانمۇ ئامېرىكىغا مۇھتاج. «گېرمانىيە سودا گېزىتى»دە: ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئاساسلىقى بىر ئوبيېكىت يەنى بېيجىڭغا قارىتىلغان، دېيىلدى. ناۋادا ئەمەلىيەت راستىنلا بۇ غەرب تاراتقۇلىرى ئېيتقاندەك بولسا، ئاسىيادا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان زور تىركىشىش باش كۆتۈرىۋاتقان بولمامدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئەمەلىيەت بۇنداق ئەمەس. نۆۋەتتە ئاسىيانىڭ ئەندىزىسى جۇڭگو، ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ئىقتىسادىي گەۋدىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قەد كۆتۈرىشىگە ئەگىشىپ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرمەكتە. بۇ باسقۇچتا تەرەققىيات يادرولۇق نىشان قىلىنىدۇ، ھەربىر قاتناشقۇچى تىركىشىش، توسۇش ۋە تىزگىنلەش ئەمەس بەلكى ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش يولىنى ئاقىلانىلىك بىلەن تاللايدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم كۈچ سۈپىتىدە ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى مەيلى قانداق مەيدان ۋە سالماق بىلەن داۋاملىق ساقلىسۇن، رايون تەرەققىياتى دولقۇنىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇنىڭ بىردىنبىر تاللىشى ئېقىمغا قاراپ ئىش كۆرۈش، شۇنداق بولغاندىلا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ئۇزاققا داۋاملىشىدۇ.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەت ئۆتكەن 30 نەچچە يىللىق ئالاقە داۋامىدا قويۇق ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، پۈتكۈل رايوننىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىن ئەتتى. تايلاند ئىشلەپچىقارغان قاتتىق دېسكا جۇڭگودا قۇراشتۇرۇلغان كومپيۇتېرغا سەپلىنىپ ئامېرىكىدا سېتىلىدۇ، ھىندىستان جۇڭگودا ئىشلەنگەن كىيىم تىكىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىپ كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىدۇ ھەمدە ئۇنى ياۋروپا-ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىدۇ. ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىكى باشقا ئىقتىسادى گەۋدىلەرنى بىر-بىرىگە باغلىدى. ئەمما جۇڭگو-ئامېرىكا سودىسىغا قارىغاندا، ھىندىستان-ئامېرىكا سودىسى يەنە بىر ئاز ئارقىدا. 2013-يىلى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مال سودا سوممىسى 521 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، ئەمما ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ يىللىق سودا سوممىسى ئاران 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سوممىسىنىڭ بەشتىن بىرىگىمۇ تەڭ كەلمەيدۇ. ئوباما بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكا-ھىندىستان سودىسىنىڭ غايەت زور يۇشۇرۇن كۈچى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ناۋادا ئامېرىكا-ھىندىستان سودىسى بۇ يۇشۇرۇن كۈچنى قېزىپ چىقسا، پۈتكۈل رايونغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، دېدى.

  جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرى كۆرسەتتىكى، نوپۇسى كۆپ، كەسىپ تارقىلىشى كەڭ ھەمدە ئاساسىي پۇختا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى ئەتراپ ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۆپ ھەمبەھىرلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ھىندىستانمۇ جۇڭگوغا ئوخشاش ناۋادا ئىسلاھاتنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتسا، غايەت زور تەرەققىيات ھاياتى كۈچىگە ئېرىشىدۇ. بۇنى ھىندىستاننىڭ ئۆز تەرەققىيات ئامىلى بەلگىلەيدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى مۆلچىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئىقتىسادى يەنە تېزلىشىدىكەن. جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق تۈرتكە مەنبىئىگە ئايلاندى، ناۋادا ھىندىستان جۇڭگو بىلەن تەڭ نەپ ئېلىشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرالىسا، ئاسىيانىڭ قەد كۆتۈرىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ. ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر پارلاپ تۇرغان چىراققا ئوخشاش، بىرلىشىپ پۈتۈن ئاسىيانى تېخىمۇ يورۇتالايدۇ.

  تەرەققىيات ھەمكارلىققا مۇھتاج، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىشقا مۇھتاج. رايوندىكى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى ھەمتۈرتكە مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەر ئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشقا، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداشقا پايدىلىق. رايوندىكى خەلقنىڭ كۈتىۋاتقىنى ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان بىر-بىرىگە تىنچلىق ۋە تەرەققىيات سىگنالى بېرىش. بەزى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، «تىركىشىش سەپسەتىسى»نى قەستەن پەيدا قىلغانلىقى ۋەزىيەتكە ئېنىقلا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۈچىنچى تەرەپ ئارقىلىق مۇناسىۋەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق ئاتالمىش ستراتېگىيەلىك تاللاش ئىككىلا تەرەپنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەمكارلىقىلا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات ستراتېگىيەسىنى مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا تاللاش ئاساسىدا، ھەمكارلىشىپ، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ئاقىلانە تاللاش.

  جۇڭگو رۇسىيە، ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق ئۇچرىشىشى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. رايوندىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم تارتىدىغان بۇ پائالىيىتىنى ئىدراكى، توغرا چۈشىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر