باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو رۇسىيە ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىدا قانداق سېگنال چىقىرىلدى؟

2015.02.04 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-فېۋرال جۇڭگو رۇسىيە ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنياغا ناھايىتى نۇرغۇن مۇھىم ئىجابىي سىگنال يەتكۈزۈلدى. ئىككى سائەتتىن كۆپ ۋاقىت ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، بىرلەشمە ئاخبارات ھاسىل قىلىندى، بۇنىڭ مەزمۇنى ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلبە قىلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چېتىلىدۇ، ئافغانىستان مەسىلىسى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، پەلەستىن ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى، ئۇكرائىنا كىرزىسى قاتارلىق خەلقئارا قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەردە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جۇڭگو رۇسىيە ھىندىستان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرى كېڭىشىش مېخانىزمى تۇرغۇزۇش ھەمدە تۇنجى نۆۋەتلىك كېڭىشىشنى تېزدىن ئۆتكۈزۈش، پارلامېنت، تاراتقۇ، ئادەمىيەت، ياشلار ئالماشتۇرۇشى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ماھىيەتلىك نەتىجىلەر ھاسىل قىلىندى.

  جۇڭگو، رۇسىيە، ھىندىستان ئاسىيا ياۋروپا قىتئەسىنى ھالقىغان، ئومۇمىي نوپۇسى يەر شارى نوپۇسىنىڭ %40دىن ئاشىدۇ، يەر مەيدانى دۇنيا يەر كۆلىمىنىڭ %20تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيانىڭ بەشتىن بىرىدىن ئاشىدۇ. 1998-يىلدىكى رۇسىيەنىڭ زۇڭلىسى پىرىماكوف ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغاندا تۇنجى قېتىم جۇڭگو رۇسىيە ھىندىستان ئىستراتېگىيە «دېلتا پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، 2001-يىلدىن باشلاپ، جۇڭگو رۇسىيە ھىندىستاننىڭ ئالىملىرى 2-رېلىس سۆزلىشىشى، 2002-يىلى، 2003-يىلى ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى مەزگىلىدە بىرەسمىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. جۇڭگو، رۇسىيە، ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىش مېخانىزمى داۋاملىق تەرەققىي قىلدى، ئۈچ دۆلەت خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەيدان تۇتتى، ئۆز-ئارا گىرەلىشىشگە پايدىلىق بولغان مەنپەئەت تەلىپىمۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ دۇنيا چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەش، يىراققا نەزەر سېلىشتەك ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسىنى گەۋدىلەندۈردى. ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش شۇنداقلا ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلبە قىلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتە ئىجابىي ۋە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە.

  ئەمما غەربنىڭ بىر قىسىم تاراتقۇلىرىنىڭ يىغىندىن بۇرۇنقى مۆلچىرى ۋە يىغىندىن كېيىنكى چۈشەندۈرۈشى نۇرغۇن كىشىلەرنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ دىققەت ئېتىبارى ھەمىشە «جۇڭگو رۇسىيە ھىندىستان»دىن ئىبارەت دېلتىنىڭ قايسى تەرىپىنىڭ ئۇزۇن، قايسى تەرىپىنىڭ قىسقا ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىش بىلەن چەكلەندى. جۇڭگو رۇسىيە ھىندىستاننىڭ ئۈچ تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرگەندە، مەلۇم بىر تەرەپ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي تەڭپۇڭلاشتۇرالمايدۇ، تېخىمۇ كەڭرى كۆرۈش نۇقتىسى ۋە تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ، دېدى.

  چوڭ دۆلەت خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىم ھەرىكەت گەۋدىسى، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى زور دەرىجىدە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا، چوڭ دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشى كىچىك كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىنى كۈچەيتىش بولماستىن بەلكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش. كىشىلەر جۇڭگو، رۇسىيە، ھىندىستاننىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش تەپەككۇرىغا ھۆكۈم قىلغاندا، بۇ«دېلتا»دىن ئىبارەت چەمبىرەككە قارىماستىن، جۇڭگو رۇسىيە ھىندىستاننىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە چوڭ دۆلەت ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىلى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، شەرقى ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن خەلقئارا سەھنىنىڭ مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈشى كېرەك، ئېچىۋېتىش، ئىتتىپاقلىشىش، بىر-بىرىنى چۈشىنىش ۋە ئېشىنىش روھى بويىچە، رايون تەرەققىياتىدا مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيە بىلەن دۇنياغا خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي كۈچ يەتكۈزدى.

  2015-يىلدىكى خەلقئارا سەھنە ناھايىتى ئالدىراش بولىدۇ، جۇڭگو، رۇسىيە، ھىندىستاننىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم ئۇچرىشىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۈتۈشكە ئەرزىيدىغان دۇنيا ۋەزىيىتىنى كۆزىتىدىغان كۆزنەك. چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تومۇرى-دەۋر ئېقىمىنىڭ مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچى، كۆپ ئالماشتۇرۇپ، كۆپ ماسلىشىپ، كۆپ ھەمكارلاشقاندىلا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ياراتقىلى بولىدۇ، دۇنياغا ئۇزاق مۇددەت تىنچ بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن تەرەققىيات شارائىتى ياراتقىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر