باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى ياخشىلاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2014.11.15 08:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېزىتىمىز بېيجىڭ 13-نويابىر تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاۋ ئېنا) بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى يېقىندا «بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر تىل ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇتۇشىنى ياخشىلاش پىكىرى»«بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئېنگلىز تىلى دەرس ئوقۇتۇشىنى ياخشىلاش پىكىرى» ۋە «بېيجىڭ شەھىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر پەن-تېخنىكا دەرسى ئوقۇتۇشىنى ياخشىلاش پىكىرى» نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپ بىرتۇتاش ئىمتىھان ئېلىش، بىر تۇتاش سىناش مەنئىي قىلىنىدۇ، پەقەت ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قاتارلىق ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى خاتىرىلىنىدۇ. فىزىكا، خىمىيە دەرسىدە ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئۈچ يىلدا ئوچۇق دەرس ئەمەلىيىتى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ ئېرىشكەن نەتىجىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ئەدەبىيات ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالىغا قەدىمىي شېئىرلار، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئوقۇشلۇقى، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مەزمونلىرى بويىچە باھالاش قوشۇلىدۇ، «تاللاپ جاۋاب بېرىشكە بولىدۇ» غان سوئاللار چىقىرىلىدۇ. ئېنگلىز تىلى دەرسى ئوقۇتۇشىدا ئاڭلاش-سۆزلەش مەشقىنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچى تىلىنى كونسۇلتاتسىيە قىلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەتلەرگە تەشكىللىشى كېرەك، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۈرلۈك پەن ئوقۇتۇشىدا مەكتەپ ئىچى-سىرتىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئوتتۇرىچە دەرس شارائىتى پبرسەنتتىن 10 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر