باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنانىڭ خەلق ئەسكەرلىرى كونترول قىلىپ تۇرغان بارلىق رايونلاردىكى دۆلەت مۇلازىمىتى، مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنى تاقىۋېتىلدى

2014.11.17 17:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پورشىنكو 15-نويابىر مەمۇرىي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى ئەل ئارىسىدىكى قۇراللىق كۈچلەر كونترول قىلىپ تۇرغان بارلىق دۆلەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنى تاقاشنى بۇيرىدى. مەمۇرىي بۇيرۇقتا مۇنداق دېيىلدى: پورشىنكو كابىنېتقا بىر ھەپتە ئىچىدە تەدبىر قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت قوللىنىۋاتقان ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا، دۆلەت كارخانىلىرى، ئورگانلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتىنى توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بۇ بۇيرۇق مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە جىددىي ئەھۋال تارماقلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مۇلازىمەت ئورگانلىرىنى قاپلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر