باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى: كۆچمەنلەر ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلىنمىسا ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ

2014.11.17 17:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 15-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە: ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى، ئەگەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا سەل قارايدىغان بولسا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بۇ ئىش توغرىسىدا ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتتى.

  ئۇ ئەنگلىيەدە چىقىدىغان كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بىريۇسسېل ئەمەلى، ئەھمىيەتلىك ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشى كېرەك. بولمىسا، ئەنگلىيەلىكلەر ئاۋاز بېرىش ئارىلىق بۇ دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئورنىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون ، ئەگەر ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى كىلەر يىلىدىكى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ قالىدىغان بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ 2017-يىلى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش چېكىنمەسلىك مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر