باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3-پەسىلدە ئېلىمىز بانكا كەسپىنىڭ مەبلىغى ۋە پاسسىپ ھېساباتىنىڭ كۆلىمى مۇقىم قەدەمدە ئاشتى

2014.11.17 17:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى 15-نويابىر ئېلان قىلغان 2014-يىلى 3-پەسىللىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،3-پەسىلدە ئېلىمىز بانكا كەسپىنىڭ مەبلىغى ۋە پاسسىپ ھېساباتىنىڭ كۆلىمى مۇقىم قەدەمدە ئېشىپ،ئىقتىساد جەمئىيەتتىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى داۋاملىق كۈچەيگەن؛ ئىناۋەتلىك قەرز مەبلىغىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلغىلى بولىدىكەن.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە،2014-يىلى 3-پەسىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلىمىز بانكا كەسپىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى خەلق پۇلى ۋە چەتئەل پۇلى مەبلىغى 167 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.23 ئاشقان.

  بۇ يىل 3-پەسىلدە بانكا كەسپى پەرقلىق ئىناۋەتلىك قەرز سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىناۋەتلىك قەرز قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يېزائىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار مەسىلىسى، كىچىك مىكرو كارخانىلار، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىقتىساد جەمئىيەتتىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتتى. 3-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قەرز قالدۇقى 22 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بانكا كەسپىنىڭ بىر پۈتۈن خېيىم خەتىرىنىڭ كېمىنى تولۇقلاش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچەيدى. ئىناۋەتلىك قەرز مەبلىغى سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدۇ. دېمەك، بانكا كەسپىنىڭ پايدىسىنىڭ ئېشىشى مۇقىملىقنى ساقلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر