باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

2014.11.17 17:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-نويابىر ئاۋسترالىيەنىڭ بىرىسباندا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە تەرەققىياتدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۇرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ئالىملار بەس-بەستە مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى يىراققا نەزەر سېلىنغان، ئېچىۋىتىلگەن ۋە كەڭ قۇرساق بولغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان چوڭ دۆلەتلىكىنى گەۋدىلەندۈردى. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە ئوتتۇرغا قويغان ئۇچ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش يۆنىلىشى ئىنتايىن قاراتمىلىققا ئىگە، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، چوڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىراققا نەزەر سېلىش ۋە كەڭ قۇرساق بولۇشتەك خىسلىتىنى گەۋدىلەندۈردى. بېرلىن ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتو، سۇر سىياسىيشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەشەببۇسى نامايان قىلىنغان بولۇپ، ياۋروپالىق مۇتەخەسسىس ئالىملارنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلىشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ياپونىيە فۇكۇئى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرى پروفېسسورى مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قەرەرلىك ئەسلىگە كېلىشىدىن سىجىل ئېشىشقا بۇرۇلۇشنىڭ نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر