باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رۇك بىلەن كۆرۈشتى

2014.11.17 09:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-نويابىر بىرىسباندا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رۇك بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى، بىز كۆپ قۇتۇپلىشىشنى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز. مەن، ياۋروپا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش، شەھەر بازارلىشىش مۇساپىسىدا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشىش ئۇستىدە ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ 2020- يىللىق ئىستراتېگىيە پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىراننىڭ يادرو پىلانى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، خەلقئارا سودا سۆھبىتى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇنچى تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك .

  رۇك مۇنداق دېدى: جۇڭگو پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە، مەن ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. كىلەر يىلى ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ مول نەتىجىلىرىنى ۋە كەڭ ئىستىقبالىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر