يەر ۋاقتى 2014-يىلى 16-نويابىر ئېلان قىلىنغان رۇمىنىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى نەتىجىسىدە ئايان بولۇشىچە، دېموكراتىك خرىستوس ئىتتىپاقىنىڭ نامزاتى، سىبىيۇ شەھىرىنىڭ باشلىقى جوساننېس رۇمىنىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان.
رۇمىنىيەدە 16-نويابىر زۇڭتۇڭ سايلىمىغا 2-باسقۇچلۇق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئىتتىپاق ئۈچ پارتىيەنىڭ نامزاتى، ھازىرقى زۇڭلى پۇنتا دېموكراتىك خرىستوس ئىتتىپاقىنىڭ نامزاتى، سىبىيۇ شەھىرىنىڭ باشلىقى جوساننېس بىلەن زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى تالاشقان.
بېلەت تاشلار شۇ يەر ۋاقتى سائەت 7:00 دە باشلىنىپ، 21:00 دە ئاخىرلاشقان. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 18 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق سايلىغۇچى 18550 بېلەت تاشلاش پونكىتى ۋە چەت ئەللەردىكى 294 بېلەت تاشلاش پونكىتىدا ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى دۆلەت رەھبىرىگە بېلەت تاشلىغان.