باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پاسپورتى ئەتىۋارلىق بولۇپ قالدى، جۇڭگو پۇقرالىرى چېگرا سىرتىدىكى 50 جايغا بارسا بولىدۇ

ۋېيزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى

2014.11.18 10:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى؛ ھازىرغىچە 91 دۆلەت ئېلىمىز بىلەن دىپلوماتىيە پاسپورتى بار خادىملارنىڭ ۋېيزا قويدۇرۇشىنى كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، 87 دۆلەت ئېلىمىز بىلەن ھۆكۈمەت ئىشى پاسپورتى بار خادىملارنىڭ ۋېيزا قويدۇرۇشىنى كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، 34 دۆلەت ئېلىمىز بىلەن ھۆكۈمەت ئىشى ئادەتتىكى پاسپورتى بار خادىملارنىڭ ۋېيزا قويدۇرۇشىنى كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، 4 دۆلەت ئېلىمىز بىلەن ئاساسلىقى ئادەتتىكى پاسپورتى بار خادىملارنىڭ ۋېيزان قويدۇرۇشىنى بېجىرىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا دائىر 53 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى كېڭەشتى.

  مۇشۇ بىر يىلدا ئېلىمىز 19 دۆلەت بىلەن ۋېيزا قويدۇرۇشنى كەچۈرۈم قىلىشقا دائىر 19 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇ كېلىشىملەرنىڭ 12 سى كۈچكە ئىگە بولدى. ئىمزالانغان كېلىشىم سانى بۇرۇن 4 يىلدا ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ يىغىندىسىغا باراۋەر كېلىدۇ.

  ھازىرغا قەدەر، 37 دۆلەت ۋە رايون ئادەتتىكى پاسپورتى بار جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ۋېيزىسىنى ئايروپىلاندىن چۈشۈپ بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى، 8 دۆلەت ۋە رايون ئادەتتىكى پاسپورتى بار جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ۋېيزىسى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىشىگە ئۆز ئالدىغا قوشۇلدى، بۇنىڭغا ئادەتتىكى پاسپورتى بار جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ۋېيزا قويدۇرۇشىنى كەچۈرۈم قىلغان 4 دۆلەتنى قوشقاندا ئادەتتىكى پاسپورتى بار جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ۋېيزا قويدۇرماي بارسا بولىدىغان دۆلەت 50 كە يېقىنلاشتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر