باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي-شياڭگاڭ پاي سودا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش سىنىقى باشلاندى

2014.11.17 17:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

شاڭخەي-شياڭگاڭ پاي سودا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش مېخانىزمى سىناق نۇقتىسى 17-نويابىر رەسمىي ئېچىلدى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ شۇ كۈنى شياڭگاڭ سودىخانىسىدا بۇ سىناق نۇقتىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: شاڭخەي-شياڭگاڭ پاي سودا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش مېخانىزمى سىناق نۇقتىسى-شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، دەۋر بۆلگۈچ يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

لياڭ جېنيىڭ بىلەن شياڭگاڭ سودىخانىسىنىڭ رەئىسى جۇ سوڭگاڭ سائەت توققۇز يېرىمدا بىرلىكتە دۇمباق چېلىپ، شاڭخەي-شياڭگاڭ پاي سودا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش مېخانىزمى سىناق نۇقتىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. لياڭ جېنيىڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەي-شياڭگاڭ پاي سودا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش مېخانىزمى سىناق نۇقتىسىنىڭ ئېچىلغانلىقى-شياڭگاڭ بىلەن ئىچكى جايلار پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ، بىرلىكتە گۈللىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئەھمىيىتى بار: 1-ئىككى جايدىكى پاي بازىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىككى جايدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىككى جايدىكى بازارلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش؛ 2-ئىچكى جايلاردىكى دەسمايە تۈرلىرىنى تەدرىجىي ئېچىۋېتىش ۋە خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش مۇساپىسىنى قوللاپ ھەم ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى مەبلەغ سالىدىغان پۇلغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش.



مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر