خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى: بايىنغولىن دانىش ئېلانچىلىق چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يەتتە يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيتى ۋە دانىش كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2- نويابر بايىنغولىن مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، كورلا شەھەرلىك ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى، كورلا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى، كورلا شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى، مائارىپ سېستىمىسىدىكى رەھبەرلەر، بايىنغولىن تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ خادىملىرى، كورلا شەھەرلىك مېھرىبان ئانىلار جەمىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەمراخان خالىق، شىنجاڭدىكى مۇۋەپپىقىيەت ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدار قېزىش تەتقىقاتچىسى، دەرىجىدىن تاشقىرى ناتىق، شىنجاڭ توغراق ئىنتېرنىت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئابدۇراھمان پەتتار ئەۋف، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ پىراففىسورى، داڭلىق يازغۇچى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىكى پىشقەدەم شائىر بوغدا ئابدۇللا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستى تەۋەسىدىكى 60 نەچچە شىركەتنىڭ باش دېرىكتورلىرى، ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلگەن زاتلار، ئالىي مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 600 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. كورلا شەھەرلىك ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئوسمان لىتىپ ئەپەندى مەكتەپنىڭ يوپۇقىنى ئېچىپ بەردى. ھەمدە دانىش ئېلانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ يەتتە يىللىق خىزمەتلىرى ۋە ئوبلاستىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ۋە مەكتەپنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى مەقسەت، بايىنغولىن ئوبلاستى ۋە كورلا شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ ھازىرقى ئىشسىزلىق ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلىپ، كارخانىچىلارنى ئالىي مەكتەپ، تولۇقسىز، ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمىيەتتىكى ئىشسىزلارنى كۆپلەپ ئۆز كارخانىلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كورلا شەھىرى، بايىنغولىن ئوبلاستى جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى مەسىللىرىنى ھەل قىلىشقا كەڭ كارخانىچىلارنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشتىن ئىبارەت بىر تېمىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. دانىش كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى بۇندىن كېيىن جەمئىيەتتىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنى كومپىيۇتېر، ئېلانچىلىق، مەتبۇئات، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق ئون نەچچە كەسپتە كەسپىي جەھەتتە ھەقسىز تەربىيەلەپ، تور، ئۈندىدار، يان تېلفون تورى، گېزىت قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دانىش مەكتىپى كەڭ بىلىمگە تەشنا قېرىنداشلار ۋە ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ئىككىلەنمەي دانىش كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دانىشنىڭ ۋەدىسى، مەجبۇرىيەت ئۈچۈن ئەمەس بۇرچ ئۈچۈن تەربىيەلەش.
سۈرەتتە: بايىنغولىن دانىش ئېلانچىلىق چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يەتتە يىللىقىنى خاتىرلەش ۋە دانىش كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى