باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن G20 ئۇچرىشىشى يىغىنىدىن بالدۇرلا كېتىپ قالدى

2014.11.17 17:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋسترالىيە قىتئەسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈش سائەت 12 دە، ئاۋسترالىيەدە 20 دۆلەت باشلىقلار ئۇچرىشىشى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان رۇسىيە زۇڭتۇڭى-پۇتىن بىرىسباندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىنلا دۆلىتىگە قايتىش ئۈچۈن ئايرودۇرۇمغا قاراپ كېتىپ قالغان.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مەيدانىغا پەقەت رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇخبىرلىرىنىڭلا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى پۇتىننىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىغا كىرەلىگەن مەلۇم ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى-تىۋىتتىر تورىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە،«پۇتىن ئاۋسترالىيە قىتئەسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن رازى بولمىغان» ئىكەن.

  پۇتىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ نۆۋەتلىك 20 دۆلەت باشلىقلار ئۇچرىشىشى يىغىنىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە قارىتا ئوچۇق-يورۇق، مەزمۇنى مول بولغان سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ سۆھبەتنىڭ ياردىمى ناھايىتى زور بولدى، دېدى. ئۇ يەنە سۆز قىلىپ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى-ئەبوتمۇ بۇ قېتىملىق 20 دۆلەت باشلىقلار ئۇچرىشىشى يىغىنى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بولغان ھەمكارلىق كەيپىياتى يارىتىپ بەردى، دېدى.

  پۇتىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:‹ ئەبوت زۇڭلى بىلەن كۆرۈشۈش ناھايىتى ياخشى بولدى، ئۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ياخشى تەشكىللىگۈچى، شۇنداقلا يەنە ناھايىتى كەسپى بولغان ھەمكارلاشقۇچى ھەمراھ›. پۇتىن يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىملىق 20 دۆلەت باشلىقلار ئۇچرىشىشى يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، دېدى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، پۇتىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىنلا ئۆزى چۈشكەن مېھمانسارايدىن ئايرىلىپ ئايرودۇرۇمغا قاراپ يولغا چىققان، ئۇنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى ئايرودۇرۇمدا پۇتىننى ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، پۇتىن ئايرودۇرۇمنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئاۋسترالىيەدىن كېتىپ قالغان. پۇتىن ئۆزى چۈشەندۈرۈش بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم 20 دۆلەت باشلىقلار ئۇچرىشىشى يىغىنىدىن بالدۇر قايتىپ كېتىشىدىكى سەۋەبى بولسا رۇسىيىگە قايتىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان باشقا ئىشلىرىنىڭ بارلىقىدىن بولغانلىقىنى ئېيتقان.

  لېكىن پۇتىننىڭ بىر نەپەر باياناتچىسى شۇ كۈنى رۇسىيىدىكى مەلۇم رادىيو ئىستانسىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، زۇڭتۇڭ پۇتىن بۇ قېتىم 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدىكى بارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قايتىپ كېلىدۇ، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر