باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپالىق ئالىملار: جۇڭگو تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن خەلقئارا سەھنىدە نامايەن بولدى

2014.11.17 17:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنى تۆنۈگۈن ئاۋسترالىيەنىڭ برىسباندا باشلاندى. ياۋروپا مۇتەخەسسلىرى مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭ يىغىنى جۇڭگودا غەلبىلىك ئېچىلدى، جۇڭگو تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن خەلقئارا سەھنىدە نامايەن بولدى.

  ياۋروپا ئەقىل ئىسكىلاتى «ياۋروپا دوستلۇقى» سىياسىتىنىڭ مەسئۇلى ساداھ ئىسلام مۇنداق دېدى: شەك شۈبھىسىزكى جۇڭگو يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىدىكى ئەڭ مۇھىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: جۇڭگو ھىندىستان قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، خەلقئارا قېلىپنى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىنتايىن جىددى مەسىلە بولۇپ، قانچە بالدۇر باشلانسا شۇنچە ياخشى.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق سابىق ۋەكىلى مۇنداق دېدى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭ يىغىنى ئارقىلىق جۇڭگو ئىقتىسادىي ئىسلاھات ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى. ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو دۇنياغا ئىجابىي كۈچ يەتكۈزدى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا رەھبەلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مۇھىم قارالمىلار ھەققىدىكى ئورتاق تىرىشچانلىقى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان بۇلغىمىنى ئازايتىش نىشانى كېلەر يىلى پارىژ كىلىمات يىغىنىغا ياخشى باشلىنىش بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر