خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تارىم ئوغلىقى گۆش تەمىنىڭ ئۆزگۈچىلىكى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان مەھسۇلاتى بولۇپ قالدى ، تارىم جاڭگال گۆھىرى ئوغلاق گۆشى سېتىش نۇقتسىدىن ئىگىلىنشچە ، بۇ يىل ئاۋغۇستتىن نويابىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بۇ بىر سېتىش نۇقتىسىدىنلا بېيجىڭ، تىيەنجىن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە 1200دىن ئارتۇق تارىم جاڭگال گۆھىرى ئوغلاق گۆشىنى يۆتكەپ سېتىلىش بىلەن بىرگە 1000دىن ئارتۇق ئوغلاق گۆشىنى كۇچا ناھىيەسى ۋە قوشنا ناھىيە ، شەھەرلەردە زاكازلىق سېتىپ چىقىرىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىلدى. مۇخبىر: كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن نىياز راھمان خەۋىرى فوتوسى
سۈرەتتە: 16- نۇيابىر تارىم جاڭگال گۆھىرى ئوغلاق گۆشى سېتىش نۇقتسنىڭ مەسئۇلى ھەبىبۇللا رۇسۇل زاكازلىق ئوغلاق گۆشىنى يەشىككە قاچىلىماقتا.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى