باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇرۇلما تەڭشەشتە خادىم قىسقارتمىغان كارخانىلارغا تولۇقلىما بېرىلىدۇ
تولۇقلىما ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ، بۇ سىياسەت 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىجرا قىلىنىدۇ

2014.11.20 09:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   بۇنىڭدىن كېيىن، كارخانىلار قۇرۇلما تەڭشەش ۋە ياخشىلاشتا خادىم قىسقارتمىسا ياكى ئاز قىسقارتسا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى تەمىنلىگەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىدۇ. بۇنى 18-نويابىر ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا مەدەتكار بولۇشقا ئائىت مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى ئاساسلىقى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىمىسى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش، خىزمەت ئالماشتۇرغانلارنى تەربىيەلەش، ماھارەتنى يۈكسەلدۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۈچ خىل كارخانىلار تولۇقلىما ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

  «ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسلانغاندا، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى سىياسىتى قوشۇپ قايتا تەشكىللەنگەن كارخانىلار، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى ھەل قىلغان كارخانىلار، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋەتكەن كارخانىلار قاتارلىق ئۈچ خىل كارخانىلارغا تەتبىقلىنىدىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر