باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس، قىممەت بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ

2014.11.21 10:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  19-نويابىر ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا يەنىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قارار قىلىندى ھەمدە ئامانەت قەرز نىسبىتى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ، سودا بانكىلىرىنىڭ نەتىجە ئۈنۈمنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئون كۈچلۈك كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرغا قويۇلدى.

  مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن، قىممەت بولۇش، مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بانكىلارنىڭ مىكرو كارخانىلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار قاتارلىقلارغا قەرز تارقىتىش ئىقتىدارىنى تۈپ مەنبەسىدىن ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرغا قويۇلغان 1- تەدبىر مۇنداق : ئامانەت قەرز نىسبىتى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇش، رايىغا بېقىپ قەرز باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ ناچار قەرزنى تەكشۈرۈش باج پۇلنى تەكشۈرۈپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىشتىن بۇرۇنقى چىقىم قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مىكرو كارخانىلار، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار قاتارلىقلارغا قەرز بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ماكرولۇق ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ لىچۈن مۇنداق دېدى: ئىقتىساد تۆۋەن بولۇش بېسىمى زورايماقتا، كارخانىلار ئىگىلىك باشقۇرۇشتىكى قىيىن، ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرماقتا، مۇشۇنداق تەدبىرلەرنى چىقىرىشتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس، قىممەت بولۇش مەسىلىسى نىشان قىلىندى، بۇ كۈچلۈك ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە، بۇ كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ماكرو ئىقتىسادى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  پۇل مۇئامىلە رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىن بولۇۋاتقان، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىشنى تۈزۈمدىن باشلاپ تۇتۇپ، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن يېڭى پۇقراۋى بانكىلارنى جەلپ قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقى بانكىلارنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى تەڭشەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر