باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەدەبىيات سەنئەت ئىشلىرىنىڭ قىممەت كوئوردىناتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك

2014.11.21 10:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 19-نويابىر «ئەدەبىيات سەنئەت ئىشلىرىنىڭ قىممەت كوئوردىناتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا ئوبزورچى ماقالە ئېلان قىلدى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: كېچىدە چاقنىغان يۇلتۇز ئالغا ئىلگىرلەۋاتقانلارنىڭ يولىنى يورۇتتى، ئەدەبىيات سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى توغرا قىممەت كوئوردىناتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىشكە مۇھتاج. بازار ئېقىمىدا يۆنىلىشىنى يوقاتماي، تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن پوزىتسىيەدە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە بازار ئۈنۈمى بىرلىككە كەلگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ دەۋر ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىگە بەرگەن تارىخىي بۇرچ، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈر تەلىپى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: ئەدەبىيات سەنئەت دەۋرنىڭ قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇنداقلا دەۋر كەيپىياتىنىڭ باشلامچىسى. قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت ئەدەبىيات سەنئەت خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى، ئىجادىيەت مەيدانىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق ۋە چوڭ ناھەق مەسىلىلەردە ئېقىمغا ئەگىشىشكە، مۇجىمەل ئىش قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. يېنىكلىكنىڭ ئارقىسىدا قىممەت قارىشىدىكى پەرق ھەتتا بۇرمىلاش مەۋجۈت. توغرا قىممەت يۆنىلىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىجادىيەتنىڭ كوئوردىنات يۆنىلىشى قىلغاندىلا، ئەدەبىيات سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ نىشانى ئېنىق، يۆنىلىشى ئوچۇق بولىدۇ، يېنىكلىكتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ، ۋاقىتنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر