باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئامما باھالاش ئوبيېكتىلىرىنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى مۇستەقىل باھالايدۇ

2014.11.19 12:24         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىز خىزمەت نەتىجىسىدىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى توردا باھالاش خىزمىتىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويدى

  لى شىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق نەتىجىلەرنى باھالاش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە: ئاپتونوم رايونىمىز ئاممىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورگانلىرى، تارماقلىرى، ئىدارىلىرى ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ 2014 – يىللىق خىزمەت نەتىجىلىرىدىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى توردا باھالاش خىزمىتىنى يولغا قويىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئامما 20 – نويابىردىن باشلاپ، ‹‹شىنجاڭ خىزمەت نەتىجىسىنى ئامما باھالاش تورى›› (www.xjjx.gov.cn) غا چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۆزى چۈشىنىدىغان ياكى كۆڭۈل بۆلۈدىغان ئورگانلار، تارماقلار، ئىدارىلەر ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق رايون (ۋىلايەت، شەھەر)نىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى باھالىسا، شۇنداقلا تەكلىپ – پىكىرلىرىنى بەرسە بولىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق نەتىجىلەرنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ رازى بولۇش – بولماسلىقى ئىزچىل ئورگانلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ھەم ئورگانلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان ‹‹ئۆلچىگۈچ››، شۇنداقلا خىزمەت نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسى بولۇپ كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىز بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئامما باھالاش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى توغرىسىدىكى سان – سىپىرلارنى توپلاش ئۈچۈن تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلىش، سوئال چىقىرىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئاساسىدا، بۇ نۆۋەت تۇنجى قېتىم ئالاقە تورى ئارقىلىق باھالاش ئۇسۇلىنى قوللاندى. ئامما ئالاقە تورىدا باھالىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىگە مۇستەقىل باھا بەرسە بولىدۇ.

  ئامما يېڭى ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمەت نەتىجىسىنى ئامما باھالاش تورىنىڭ باش بېتىدە ‹‹باھالايمەن››نى چېكىپ، يان تېلېفون نومۇرىدا تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئالاقىدار ئورۇنلارنى باھالىسا بولىدۇ. ‹‹شىنجاڭ خىزمەت نەتىجىسىنى ئامما باھالاش تورى›› ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجە سان – سىپىرلىرىنىڭ ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا باھا بېرىشكە چەكلىمە قويۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى، باھالاشقا قاتناشقان ھەر بىر كىشى يان تېلېفون نومۇرى تەۋە رايوننى باھالىسا بولىدۇ.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى توردا باھالاش خىزمىتى 20 – نويابىر باشلىنىپ، 20 – دېكابىر ئاخىرلىشىدۇ. توردىكى باھالاش ۋە پىكىرلەر تارماقلار، ئىدارىلەر ۋە ۋىلايەت(ئوبلاست،شەھەر)لەرنىڭ 2014 – يىللىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى باھالاشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا تارماقلار، ئىدارىلەر ۋە ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەرلەر)لەرنىڭ ئىستىلنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر