باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

21-ئەسىر گېزىتىنىڭ ئاخبارات ئالدامچىلىقى دېلوسىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى

شېن جىڭنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش تەستىقلاندى

2014.11.21 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شېن جىڭ پارا ئېلىش، ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئىگىلىۋېلىش، مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىشلىق ئىكەن

  ياڭ شېن

  21-ئەسىر توې بېكىتىنىڭ باش لىدىرى ليۇ دۇڭ، روزىغارلىق ھەپتىلىكى ژورنىلىنىڭ تارقاتقۇچىسى شيا رى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش شاڭخەي تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن، 21-ئەسىر گېزىتىنىڭ ئاخبارات ئالدامچىلىقى دېلوسىدا يەنە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. 11-ئاينىڭ 20-كۈنى، 21-ئەسىر تاراتقۇ پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى شېن جىڭ، مۇئاۋىن باش لىدىرى چېن دۇڭياڭ، مۇئاۋىن باش لىدىر قوشۇمچە مالىيە باش نازارەتچىسى يۆ بىڭ قاتارلىقلارنى قولغا ئېلىش شاڭخەي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 1-شۆبە مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەستىقلاندى.

  تەپتىش ئورگىنىنىڭ تەستىق ھۆججىتىدە، شېن جىڭ باشچىلىقىدىكى 21-ئەسىر ئىقتىساد خەۋەرلىرى، 21-ئەسىر تور بېكىتى، روزىغارلىق ھەپتىلىكى گېزىتى قاتارلىق 3 تاراتقۇ ۋە 8 تىجارەت شىركىتىنىڭ ئالدامچىلىق، قاقتى-سوقتى قىلىش، سودىغا مەجبۇيرلاش قاتارلىق جىنايەتلەرگە، شېن جىڭنىڭ غەيرىي دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ پارا ئېلىشى، ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئىگىلىۋېلىش، مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

  ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 21-ئەسىر ئىقتىساد خەۋەرلىرى گېزىتى، 21-ئەسىر تور بېكىتى، روزىغارلىق ھەپتىلىكى ژۇرنىلى 21-ئەسىر تاراتقۇ پاي چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى مالىيە-ئىقتىساد تاراتقۇلىرى بولۇپ، مالىيە-ئىقتىساد ساھەسىدىكى تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، شاڭخەي رۈنيەن شىركىتى، شېنجېن شىنچىلىن شىركىتى قاتارلىق ئاممىۋى مۇناسىۋەت شىركەتلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق پايچېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت ۋە پايچېكىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا تارقاتقان شىركەتلەرنىڭ سەلبىي ئۇچۇرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قېزىش، توپلاشقا قۇتراتقان، شۇنداقلا پايچېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت ۋە پايچېكىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا تارقاتقان شىركەتلەرنىڭ سودا ئىناۋىتىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ۋە بايچېكىنى بازارغا سېلىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، پايچېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت ۋە پايچېكىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا تارقاتقان شىركەتلەرنى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاشقا مەجبۇرلارپ، ئاز بولغاندا نەچچە ئون مىڭ يۈەن، كۆپ بولغاندا نەچچە مىليون يۈەن «قوغداش ھەققى» ئالغان.

  شېن جىڭ قول ئاستىدىكى تاراتقۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى رەھبەرلىك قىلغانلىقى، قوللىغانلىقى، ماشلاشتۇرغانلىقى ۋە قاتناشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر