باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستانلىقلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە يەنىلا ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولماقتا(1)

2014.11.21 10:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلىغۇچى قىسىمنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتى قاتتىق سىنقالارغا يولۇقتى، يېقىندا ئافغانىستاننىڭ 34 ئۆلكىسىدە ئىلىپ بېرىلغان ئەل رايىنى سىناشتىن ئايان بولۇشىچە، ئافغانىستان داۋالغۇش ۋە چىرىكلىشىش ۋەزىيىتىگە يولۇقۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق كۆپ ساندىكى ئافغانىستانلىقلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە يەنىلا ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولغان.

  ئافغانىستاندا ئىلىپ بېرىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئافغانىستان پۇقرالىرى مەملىكەت ئىچىنىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە چېرىكلىك ھادىسىلەردىن ئەندىشە قىلىدىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە يەنىلا ئۈمىدۋار بولغان. ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى 18-نويابىر ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئېلان قىلىندى. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كابۇلدا يەنە تالىپاننىڭ ئۆزىنىڭ قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كۆپلىگەن كىشىلەر قازا قىلدى.

  باش شتابى ئامېرىكىدا تەسىس قىلىنغان ئاسىيا فوندى جەمئىيىتى كابۇلدا ئېلان قىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، بىخەتەرسىزلىك، چىرىكلىك ۋە ئىشسىزلىق ئافغانىستاندىكى كۆپلىگەن پۇقرالار يەنىلا ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلە بولغان.

  ئاسىيا فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەكىلى ئابدۇللا ئەخمەتزائى مۇنداق دېدى: تەكشۈرگۈچى خادىملارنى ئافغانىستاننىڭ 34 ئۆلكىسىدە ئەل رايىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلدى، ئۇلار ئېرىشكەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئافغانىستان خاتا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا دەپ قارايدىغانلارنىڭ سانى كۆپەيگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەكسىچە قاراشتىكىلەرنىڭ سانى يەنىلا كۆپ بولغان.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %54 كىشى ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ، 2013-يىلدىكى %57 دىن بىر ئاز تۆۋەنلىگەن.

  ئەخماتزائى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۆتكەن يىلدىن بۇيان پۇقرالارنىڭ يارىلىنىش ۋە قازا قىلىش ئىشلىرى ئافغانىستاندىكى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى %76 كىشى، ئۆزلىرىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە ساياھەت قىلىشىدىن قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ قازا قىلىش سانى 2013-يىلدىكىدىن كۆپەيگەنلىكتىن، %65 كىشى ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن تېخىمۇ ئەمدىشە قىلغان بولۇپ، بۇ 2013-يىلدىكىدىن %59 كۆپەيگەن.

  بىراق، ئەخمەتزائى مۇنداق دېدى: ئەل رايىنى تەكشۇۈرۈشىدىن ئافغانىستانلىق پۇقرالارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تولۇق ئۈمىدتە ئىكەنلىكى ئايان بولدى. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يېڭى ھۆكۈمەت تەدبىر قوللىنىپ ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دۆلەتنى بىخەتەرسىزلىك ۋە ئىقتىسادى كرىزىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مائارىپ، ساغلاملىق ۋە باشقا ئىجتىمائىي ساھەلەرنى ياخشىلايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر