خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھىرىدىكى 89 خەلق سەنئەتكارىدىن تەشكىللەنگەن «12 مۇقام» ئويۇن قويۇش ئەترىتى 9-ئاينىڭ باشلىرىدىن 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، يېزا-بازار، كەنت-مەھەللىلەردە 72 مەيدان ئويۇن قويۇپ، 50 نەچچە مىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا مەنىۋى زوق ئاتا قىلدى. قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى
سۈرەتتە: ئويۇن قويۇش ئەترىتى قوغان يېزىسىدا ئويۇن قويماقتا.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى