باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خوگجىلىت دېلوسى قايتىدىن قاراپ چىقىلدى

2014.11.21 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قايتىدىن كېڭەشمە سوت تەشكىللەپ، يازما شەكلىدە قاراپ چىقىلدى

  20-نويابىر خوگجىلىتنىڭ دادىسى لى سەنرېن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا قاراپ چىقىش قارارنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى يۈنپىڭ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ كۆكخوتتىن بەرگەن خەۋىرى: خوگجىلىت دېلوسىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. 20-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دېلودىكى ئەرز قىلغۇچى، خوگجىلىتنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قايتا قاراپ چىقىش قارارنامىسى ئەۋەتىپ، مەزكۇر دېلونى قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپىنى رەسمىي باشلىدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى لى شېڭۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىس قايتا قاراپ چىقىشنى قارار قىلىشتا، ئاساسلىقى خوگجىلىتنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئەرزىگە ئاساسلاندى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەزكۇر دېلونىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 242-ماددا 2-تارمىقىدىكى «جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشتە ئاساسلانغان دەلىل–ئىسپاتى راست بولماي ۋە تولۇق بولماي قالغانلىرى قانۇن بويىچە چىقىرىۋېتىلىدۇ»، خەلق سوت مەھكىمىسى قايتىدىن سوت قىلىشى كېرەك دېگەن بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.

  لى شىڭچىن مۇنداق دېدى: «ئەسلىي سوتتىكى جاۋابكار خوگجىلىت ئۆلگەچكە، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بىز قاراپ چىقىش ئۇسۇلى جەھەتتە قايتىدىن كېڭەشمە سوت تەشكىللەيمىز، دېلونى يازما شەكلىدە قاراپ چىقىمىز.»

  سوت ئېچىپ قاراپ چىقىلمىسا، ۋاكالەتچى ئادۋۇكات قاتارلىقلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئالغا لى شىڭچىڭ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ۋاكالەتچى ئادۋوكات دېلو ماتېرىيالىنى كۆرۈپ چىقىش، ۋاكالەت پىكرى بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلسا بولىدۇ. بىز ۋاكالەتچى ئادۋوكاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دەۋا ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قەتئىي قوغدايمىز.» (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر