باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەركىن سودا كېلىشىمى بەخت ئېلىپ كەلدى(1)

2014.11.21 10:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھازىرغىچە ئەركىن سودا كېلىشىمىدىن 12نى ئىمزالىدى، بۇ 20 دۆلەت ۋە رايونغا چېتىلىدۇ. بۇلار جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، سىنگاپور، پاكىستان، چىلى، پېرۇ، كوستارىكا، ئىسلاندىيە، شۋېتسارىيە بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمى؛ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ، ئامىننىڭ تېخىمۇ زىچ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىش شۇنداقلا چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ تەيۋەن بوغۇزى ئىككى تەرىپى ئىقتىساد ھەمكارلىقى رامكىسى كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆپلىگەن ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ تەدرىجىي يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، چەتئەل تاۋارلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىشىغا ئۈمىد تۇغۇلدى.

  جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئاۋسترالىيە جۇڭگونىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنا بېجىنى ئاخىرىدا كەچۈرۈم قىلدى. جۇڭگومۇ شۇنداق قىلدى. بۇ ئاۋسترالىيىنىڭ مەزىلىك راكلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئالىي رېستورانلاردىن تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەرمۇ ئاۋسترالىيىنىڭ كالا گۆشلىرى ۋە قىزىل ھاراقلىرىنى تىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.

  2004-يىلى جۇڭگو بىلەن كورىيە ئەل ئىچىدە يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەتقىقاتنى باشلاشنى جاكارلىدى، بۇ يىل ماھىيەتلىك سۆھبەتنى ئاياغلاشتۇردى.

  ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئېچىۋېتىش سەۋىيىسىدىن قارىغاندا ، ئىككى تەرەپنىڭ مال سودىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش نىسبىتىدە باج تۈرى %90، سودا سوممىسى %85 ئاشتى. بۇ كورىيە كىيىم كېچەكلىرى، ئاپتوموبىلى ۋە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگودا سېتىش يولىنىڭ تېخىمۇ راۋان بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كورىيىنىڭ پەرداز بۇيۇملىرى كۆپلىگەن جۇڭگولۇق ياش ئايال ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆپلىگەن مەھسۇلاتلار جۇڭگو بازىرىغا كىرگەندىن كېيىن باھاسى ئۆرلىمەكتە. جۇڭگو بىلەن كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، باھادىكى پەرق تارىيىشتىن ئۈمىد بار. كورىيە پەرداز بۇيۇملىرىنى سېتىۋالماقچى بولغاندا بويتاقلار بايرىمىنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق بولىدۇ
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر