باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭ دېھقان رەسساملىرىنىڭ ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر رەسىملىرىنى مۇكاپاتلىدى

2014.11.21 13:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم، مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا، 4 – نويابىردىن 10 – نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ دېھقان رەسساملىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تېمىسىدىكى رەسىم مۇسابىقىسىدە باھالانغان مۇنەۋۋەر رەسىملەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 20 – نويابىر شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان 740 پارچە رەسىمدىن 60 پارچىسى 1 –، 2 – ۋە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  مۇراسىمدا رەسىمى 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئابلەت مۇسا قاتارلىق ئون دېھقان رەسسامنىڭ ھەر بىرى 20 مىڭ يۈەن بىلەن، 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئابلەت تۇردى قاتارلىق 20 دېھقان رەسسامنىڭ ھەر بىرى ئون مىڭ يۈەن بىلەن، 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئارزۇگۈل قۇربان قاتارلىق 30 دېھقان رەسسامنىڭ ھەر بىرى 5000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.

  تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىق 21 ئورۇن تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  رەسىمى 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، كۇچا ناھىيەسى ياقا بازىرىدىن كەلگەن مېيىپ رەسسام مەمەت ئابىت گاس – گاچىلار تىلىدا مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن ناھايىتى ھاياجانلاندىم، مەن ‹‹ھەممىمىز بىرلىكتە قانۇن ئۆگىنەيلى›› دېگەن تېمىدىكى رەسىمنى سىزغانىدىم، يۇرتۇمغا قايتىپ بېرىپ تېخىمۇ ياخشى رەسىملەرنى سىزىپ خەلقىمگە سۇنىمەن. ئاۋات ناھىيەسى بىشقاق بازىرىدىن كەلگەن رازاق نىياز مۇنداق دېدى: ‹‹<ئۈچ خىل كۈچ>كە قارشى تۇرۇش›› ناملىق رەسىمىمنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن موي قەلىمىم ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەزمۇنلىرىنى كۆپرەك ئىپادىلەيمەن.

  دېھقان رەسساملارنىڭ بۇ قېتىم مۇكاپاتلانغان رەسىملىرى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە 20 – نويابىردىن 25 – نويابىرغىچە ھەقسىز كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر