باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېرۇسالىمدا يۈز بەرگەن يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قورغىدى(1)

2014.11.21 10:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېرۇسالىمدا يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بەش كىشى قازا قىلدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىدى، بۇ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆچ ئېلىش پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى بەس-بەستە ئەيىبلىدى.

  ئېروسالىمدىكى يەھۇدىيلارنىڭ بىر چېركاۋسى 18-نويابىر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. پەلەستىنلىك ئىككى ئەر قولىغا پىچاق ۋە قۇرال ئېلىپ، ئىسرائىلىيەلىك تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى، ھۇجۇم قىلغۇچى ئارقىدىن ئېتىپ تاشلاندى.

  بۇ ئېرۇسالىمدا يېقىنقى يىلدىن بۇيان قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلار ئەڭ كوپ بولغان بىر قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بولۇپ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش قاتارىغا كىرگۈزدى.

  بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئەتىگەن سائەت 7 لەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا شەھەر ئەتراپىدا كۆپلىگەن دىنى ئېتىقادچىلار چېركاۋغا يىغىلىپ تاۋاپ قىلىۋاتقان ئىكەن. ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ بىر قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش. ئۇ مۇنداق دېدى: پەلەستىنلىك ئىككى كىشى قولغا پىچاق، پالتا ئىلىپ، ئېروسالىمنىڭ غەربىدىكى خارنوف رايونىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ بىر چېركاۋسىغا كېرىپ، دۇئا قىلىۋاتقان 30 دىن كۆپرەك كىشىگە ھۇجۇم قىلىپ تۆت يەھۇدىينى نەخ مەيداندا ئۆلتۈرگەن، ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئارقىدىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان، تۆت يەھۇدىينىڭ ئۈچى ئامېرىكىلىق، بىرى ئەنگلىيەلىك ئىكەن.

  بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، يەنە 8 كىشى يارىلانغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن ساقچىلار نەخ مەيدان ئەتراپىدىكى كوچا مەھەللىلەرنى قامال قىلىپ، باشقا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ بار يوقلىقىنى ئاختۇرغان.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ ئىككى قاتىل شەرقىي ئېروسالىمدىن كەلگە پەلەستىنلىك ئىكەن.

  پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بولغان خاماس ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى مۇراجەت قىلغان.

  خاماس، بۇ ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى شەرقىي ئېروسالىمدىكى بىر پەلەستىنلىك شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىلدا ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاس دېگەن. ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپ جەسەتنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، بۇ شوپۇرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئېيتقان، بىراق قازا قىلغۇچىنىڭ دوستلىرى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر «قازا قىلغۇچى ئۇرۇلغان ۋە يەھۇدىي ئەسەبىيلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن» دېگەن. نەچچە مىڭ كىشى ھەپتىنىڭ بىرى قازا قىلغۇچىنى دەپنە قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان، بىر قىسىم كىشىلەر «ئىنتىقام ئالىمىز!» دەپ توۋلىغان.

  پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباسنىڭ ئىشخانىسى 18-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەستىن زۇڭتۇڭىنىڭ پۇقرالارغا قارىتىلغان قىرغىن قىلىشتەك ھەرىكەتلەرنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، 18-نويابىر يۈز بەرگەن يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى ئەيىبلىگەن.

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ مۇنداق دېدى: 18-نويابىردىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن خاماسنىڭ بىۋاسىتە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىشنى «تېررورلۇق سۇيىقەست» دېدى، ھەمدە بۇ ئىشىقا كەسكىن ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىسرائىلىيەنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك مىنىستىرى يەھۇدىي ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆچ ئېلىش پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدەنمەسلىكىنى، بۇ ئىشنى ساقچى تەرەپنىڭ بىر تەرەپ قىلىشغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى مۇراجەت قىلدى.

  ئېروسالىمدىكى ئاقسا مەسچىتىدە ئارقا-ئارقىدىن توقۇنۇشۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، نىتانىياخۇ بىر قانچە قېتىم ئابباسنى پەلەستىنلىكلەرنى مالىمانچىلىق پەيدا قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلىكتىن، ۋەزىيەت ئۆزلۈكسىز جىددىيلەشتى، دەپ ئەيىبلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تېررورلۇق ۋە قىلچىمۇ ئادىمىيلىكى بولمىغان زوراۋانلىق ھەرىكەت دەپ ئەيىبلەپ، پەلەستىن رەھبىرىنىڭ ئالاقىدار رەزىل ھەرىكەتلەرنى ئەيىبلىشىنى مۇراجەت قىلدى.

  يېقىندىن بۇيان ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يامانلاشتى ئېروسالىم، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرگە قاراتقان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۆپ قېتىم يۈز بەردى. ئېروسالىمدا ئۆتكەن ئاينىڭ 22-كۈنى تۇنجى قېتىم ئاپتوموبىل بىلەن سوقۇپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا پەلەستىنلىك بىر شوپۇر بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن كىشىلەرنى سوقۇش ۋەقەسى پەيدا قىلىپ، بىر كىشىنىڭ قازا قىلىشى ۋە 9 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر