باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ھەرىكەت پىلانى (2014 ــــ 2020)» نى بېسىپ تارقاتتى

2020-يىلى %85 ئېنېرگىيە بىلەن ئۆز-ئۆزىمىزنى تەمىنلەش ئىشقا ئاشىدۇ

2014.11.20 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى ھەرىكەت پىلانى (2014 ـــ 2020) »(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ھەرىكەت پىلانى»دەپ ئاتىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «ھەرىكەت پىلانى»دا، دۆلىتىمىزنىڭ كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا بىرقەدەر تولۇق ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك كاپالەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، ئېنىرگىيەدە ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەشنى % 85 ئەتراپىدا ساقلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «ھەرىكەت پىلانى»دا تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، دۆلەت ئىچىنى كۆزدە تۇتۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلان ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلى يەنىلا قوپال، ئېنېرگىيە زىچلىقى تېپىدىكى كەسىپلەرنىڭ نىسبىتى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، پولات-تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، خېمىيە سانائىتى قاتارلىق تۆت چوڭ يۇقىرى سەرپىياتلىق كەسىپكە كېرەكلىك ئېنېرگىيە مىقدارى يېرىمدىن كۆپنى ئىگىلەيدىكەن. GDP نى بىرلىك قىلغان ئېنېرگىيە سەرپىياتى دۇنيا ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ تەخمىنەن 1.8 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىنلا ئەمەس، بەلكى بىرازىلىيە، مېكسىكا قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى، خەلقئارا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ شىياۋيۇڭ مۇنداق دېدى: «ھەرىكەت پىلانى»دا ئاۋۋال تېجەشنى ھەممىدىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرغا قويۇلدى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ «ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى» ماھىيىتىگە قايتىدىن دىققەت قىلىپ، «بىخەتەرلىك تەمىنلەشنى كۈچەيتىشكە تەڭ» دەيدىغان قاراشنى چۆرۈپ تاشلاشنى، قوپال تەمىنلەشكە تاينىپ تېز ئېشىۋاتقان ئېھتىياجنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئادەت تەپەككۇرىنى «بىخەتەرلىك ئۈنۈمگە تەڭ» دەيدىغان ئىدىيەگە ئۆزگەرتىپ، ئىلمىي تەمىنلەش ئارقىلىق مۇۋاپىق ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئىدىيەسىنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئېنېرگىيە تېجەيدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسى ۋە پاكىز ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىت ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ھالقىلىق ۋاسىتىدۇر. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى )

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر