خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: زۇڭلى لى كېچياڭ كەچقۇرۇن جېجياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھىرىنىڭ چىڭيەنليۇ كەنتىگە كەلدى، كەنت ئاھالىلىرى خەۋەرنى ئاڭلاپ، تەرەپ-تەرەپتىن يېتىپ كېلىشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تور تىجارىتى ئەڭ بۇرۇن سىلەرنىڭ مۇشۇ كەنتتە مەركەزلىك تەرەققىي قىلدى، ھازىر كەنتتىڭلاردىكى تور دۇكانلىرىنىڭ سانى ئائىلە سانىنىڭ ئون ھەسسىسىگە يېتىپتۇ. تور دۇكانلىرى مەۋھۇم بوشلۇقتا ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىپ، غايەت زور بازار بوشلۇقىنى ئاچتى. سىلەر ئەڭ چوڭ «تور دۇكىنى كەنتى» بولۇشقا مۇناسىپ. (مۇخبىر ياڭ فاڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)