باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2014.11.20 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا يەنىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتىش قارار قىلىندى، نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا گۈزەل كەلگۈسى يارىتىپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل 7-ئايدا گوۋۇيۈەن بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، «مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش» بىر قىسىم رايون ۋە ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەرقلىق كىرېدىت سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى نىشانلىق پەسەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بالىلار − دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى. نامرات رايونلاردىكى ئائىلىسىدە قىينچىلىقى بار بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش مىليونلىغان ئائىلىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا مۇناسىۋەتلىك. ھۆكۈمەت بىۋاسىتە تەمىنلەش ۋە ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سېتىۋېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بازار كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش، ساغلاملىق ۋە مائارىپنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاش رايونلارنىڭ يېزىلىرىدىكى بالىلارغا تۇغۇلغاندىن تارتىپ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغىچە غەمخورلۇق قىلىش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر