باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلار گۈزەل كېلەچەككە ئىگە قىلىنىدۇ

2014.11.21 10:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  19-نويابىر ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «دۆلەتنىڭ نامرات رايونلاردىكى بالىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى» ماقۇللاندى ھەمدە يېقىنقى مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. كەسىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، نامرات رايونلاردىكى قىيىنچىلىقى بار بالىلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەككە ئىگە بولۇشىغا ئۈمىد تۇغۇلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرغا قويۇلدى: ھۆكۈمەت بىۋاسىتە تەمىنلەش بىلەن سېتىۋېلىش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بازاردىكى كۈچلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ساغلاملىق بىلەن تەربىيەنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلاردىكى يېزىلاردىكى نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ تۇغۇلغاندىن باشلاپ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىشىغىچە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى لۇ شى مۇنداق دېدى: نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي جەريانىغا كۆڭۈل بۆلۈش، پۈتۈن ساھەلەرگە قاتنىشىش ۋە كۆپ تەرەپلىك مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق، نامرات رايونلاردىكى بالىلارنى ياخشى ياشاش، ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىش، ياخشى ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر