- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شەھەر يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى تولۇقلىمىسىغا مۇددەتتىن بۇرۇن 69 مىليارد 720 مىليون يۈەن ئاجرىتىلدى
2014.11.21 10:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركەز مالىيىسى شەھەر يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن نورمال يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىپ بىرنى تولۇقلاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يېقىندا 2015-يىللىق شەھەر يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تولۇقلىما راسخوتىنىڭ 69 مىليارد 720 مىليون يۈەنلىك قىسمەن خامچوتىنى چۈشۈردى. مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر قايسى ئۆلكىلەر 2015-يىللىق خامچوت كۆرسەتكۈچىنى بۆلۈپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ۋە يەرلىكنىڭ خامچوت تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ھەمدە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەبلەغنى يېتەرلىك سوممىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. 2015-يىلى مەركەز يۆتكەپ چىقىم قىلىش خامچوتىنى بېكىتكەندىن كېيىن، مەركەز مالىيىسى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ 2015-يىلى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك شەھەر يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تولۇقلىما راسخوت خامچوتىنى يەنە بېكىتىدۇ. ھەمدە كۆپىنى قايتۇرۇپ كېمىنى تولۇقلاش پرىنسىپى بويىچە راسخوت خامچوتىنى مۇۋاپىق تەڭشەيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر