باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل 7-ئايدا پاش قىلىنغان مۇھىت ئاسراشقا ئائىت دېلولارنىڭ %50 تى ئاتموسفېرانى بۇلغاشقا چېتىلىدۇ

2014.11.21 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 19- نويابىر مۇھىت ئاسراش 12369 قىزىق لىنىيىلىك تېلېفوندا 7-ئايدا ئامما پاش قىلغان دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى. جايلاردىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىغا چېتىشلىق دېلو 74 كە يېتىپ، قوبۇل قىلىنغان ئومۇمىي ساننىڭ %50 نى ئىگىلىگەن.

  2014-يىلى 7-ئايدا مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مۇھىت ئاسراش 12369 پاش قىلىش قىزىق لىنىيىلىك تېلېفونى تەكرار پاش قىلغان 30 دېلونى قوبۇل قىلدى، بۇ قوبۇل قىلىنغان ئومۇمىي ساننىڭ %20 نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تۇڭلىياۋ شەھىرى كىرشىن رايونى مۇلتۇ بازىرى مېيخۇا بىئو تېخنىكا چەكلىك شىركىتى غەلىتە پۇراق چىقىرىپ پۇقرالارنى ساراسىمىگە سېلىش مەسىلىسى 2009-يىلىدىن ھازىرغىچە ئالتە قېتىم قوبۇل قىلىندى. بۇ شىركەت ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تېتىتقۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، ئېچىغان پۇراقنى قويۇپ بېرىش بۇ كەسىپتە ساقلىنىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك مەسىلە. قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن تۇرۇقلۇق ئەتراپتىكى ئاممىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئوخشايدىغان تەكرار پاش قىلىنغان دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ مۇھىت ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر