كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 19-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى 567-قىسىمنىڭ قارىمىدىكى 18-نومۇرلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى كەسپى ئورنىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ، بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار كۆزدىن كەچۈرۈشتە بىللە بولغان . كىم جوڭئۇن يەنە بۇ يەردىكى مەدەنىيەت سارىيىدا ئويۇن كۆرۈپ ، ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئارتىسلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن .