شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 19-نويابىر ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە كىشىلەر كىنو چولپىنى تاكاكۇرا كېنغا تەزىيە بىلدۈرگەن . تاكاكۇرا كېن ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ، ياپونىيە خەلقى ۋە تاكاكۇرا كېننىڭ مەستانىلىرى قاتتىق ئازابلىنىپ ، ھەر خىل شەكىللەردە ئۇنى ياد ئەتكەن .
تاكاكۇرا كېن رول ئالغان بىر نەچچە فىلىمنى سۈرەتكە ئالغان ‹‹كونا ئۇۋا›› توئېي كىنو شىركىتى 19-نويابىر توكيودىكى باش ئىشتابى ئالدىغا گۈلچەمبىرەك سۇپىسى ياسىغان ، بۇنىڭ بىلەن توكيو خەلقى ۋە كىنو مەستانىلىرى بۇ يەرگە كېلىپ ، بۇ ئۇلۇغ كىنو چولپىنىغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن .