باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇزاق مۈددەت داۋاملىشىش ھالىتىدە تۇرىۋاتقان ئۇكىرائىنانىڭ قاتمال ۋەزىيىتى

2014.11.20 11:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىن مېيىل 18-نويابىر موسكىۋادا سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ مېنسىك كېلىشىمى رامكىسى ئىچىدە ئۇكىرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش كېرەك دېيىشتى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىردەك زور دەرىجىدە يول قويۇش ئويى بولمىغاچقا، ئۇكىرائىنا ۋەزىيىتى نۆۋەتتە قاتمال ھالەتكە پېتىپ قالدى. بۇ خىل قاتماللىقنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل بولۇشى تەس. ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە، ئۇكىرائىنانىڭ شەرقى قىسىمىدىكى ئەلئىچى قۇراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان دونتسېك رايونىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەردى. ئۇكىرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن ئەلئىچى قۇراللىق تەشكىلاتلىرى 9-ئايدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ كىچىك كۆلەمدىكى توقۇنۇشى ئۈزۈلمىدى، يېقىندىن بۇيان داۋاملىق كەسكىنلەشمەكتە. ئۇكىرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو 17-نويابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكىرائىنا ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويدى. ئۇكىرائىنا دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكىرائىنا ھۆكۈمىتى قىممىتى 70 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئېغىر تىپلىق جابدۇقلار توختامىنى ئىمزالىغان، يېقىندا بارلىق قۇراللار ئالدىنقى سەپكە يەتكۈزىلىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكىرائىنا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئەلئىچى قۇراللىق كۈچلەر كونتروللىقىدىكى شەرقى قىسىم رايونىدىكى بارلىق دۆلەت ئاپپاراتىنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ رايوننى ئېنېرگىيە، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاشنى توختىتىدۇ.

  رۇسىيەلىك سىياسى تەھلىلچى مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ئۇكىرائىنا ھۆكۈمىتى شەرقىي قىسىم رايونىنى كونترول قىلىشتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، شۇڭا خادىملارنى تارقاقلاشتۇرۇش، ھۆججەتلەرنى ئېلىپ كېتىش، بايلىقنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى شەرقىي قىسىم رايونىنى مالىيە يۈكى دەپ تاشلىۋېتىدۇ، ئەمما رۇسىيە بۇنى ئۆتكۈزۈۋالمايدۇ، ئۇكىرائىنانىڭ شەرقى قىسىم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى.

  يەنە بىر جەھەتتىن، رۇسىيە بىلەن غەرب ئەللىرى ئۇكىرائىنا مەسىلىسىدە داۋاملىق تىركەشتى. يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەگەر خەلقئارا قانۇن ۋە ئۇكىرائىنا توقۇنۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇش كېلىشىمىگە داۋاملىق خىلاپلىق قىلسا، رۇسىيە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن داۋاملىق يېتىم قالدۇرىلىدۇ، دېدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتتىن ئەگەر يەنىلا ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسى مەنپەئەتى بويىچە بارلىق مەسىلە قارار قىلىنسا، داۋالغۇشنىڭ يەنە قاچانغىچە داۋاملىشىشىنى مۆلچەرلەش تەس دېدى.

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپئە سىياسىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: غەربنىڭ تەنقىدى پۇتتىننى تېخىمۇ كۈچلۈك مەيدان قوللىنىشقا مەجبۇر قىلىشى مۈمكىن.

  16-نويابىر، پۇتتىن گېرمانىيە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇكىرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى- قۇراللىق كۈچ بىلەن قارشىلىشتىن ۋاز كېچىش، ئۇكىرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقى قىسىمدىكى ئەلئىچى قۇرللىق كۈچلەرنىڭ باراۋەر ۋە داۋاملىق سىياسى سۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇكىرائىنانىڭ فىدىراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار.

  رۇسىيە سىياسىي تېخنىكا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۇتتىن بىر ئېنىق سېگنال بەردى، ئۇ بولسىمۇ رۇسىيە ئۇكىرائىنا مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى قوللايدۇ، ئەگەر ئۇكىرائىنا ھۆكۈمىتى ئۇكىرائىنانىڭ شەرقى قىسىم رايونىغا ئۇرۇش قوزغىسا، رۇسىيە بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدۇ.

  رۇسىيەنى مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن، غەرپ ئەللىرى جازالاشنى رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىشنىڭ ئەڭگۈشتەرى دەپ قارىدى، ئەمما ئىچكى قىسىمدىمۇ ئوخشاش بولمىغان سادالار بارلىققا كەلدى.

  ئامېرىكا مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: جازالاش رۇسىيەنىڭ ئۇكىرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. ئوباما يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە نۆۋەتتە يولغا قويىلىۋاتقان جازالاش كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەگە بولغان بېسىمنى زورايتىش كېرەك، دېدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگايرىنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكىرائىنا مەسىلىسىنى جازالاش بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ياۋروپا ئۇكىرائىنانىڭ ئىسلاھاتى جەھەتتە خىزمەت ئىشلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك. رۇسىيە دۆلەتلىك موسكىۋا ئۇنىۋېرستېتى ئىقتىساد فاكۇلتىتىنىڭ پروفىسسورى مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ياۋروپا ئەللىرى رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ بەربات بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر