خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: كورېيە مەركىزىي ئاگېنىتلىقى 19-نويابىر تەمىنلىگەن سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (شۇ يەر ۋاقتى) 18-چىسلا موسكۋا كرېمل سارىيىدا چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چۆ ريوڭھې بىلەن كۆرۈشكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)