خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى »نىڭ 18-نويابىر بەرگەن خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشچە، كورىيەلىك بەش ياشلىق قىزچاق Breanna پات-پات توردا بايلىقنى نامايان قىلىپ داڭ چىقارغان.ئۇنىڭ مىليوندىن ئارتۇق مەستانىسى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا شەرق رايوندىكىلەر ئىكەن. Breanna ئائىلىدىكىلەر بىلەن كورىيەدىن دۇبەيگە كېلىپ، ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل،بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي قاتارلىق ھەشەمەتلىك تۇرمۇش سۆرەتلىرىنى تورغا چىقىرغان. كۆپلىگەن تورداشلار Breanna نى ئۆز بالىسىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى