باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>شىنجاڭ ئىجابىي ئېنىرگىيەسى

ئەل ئابىدە ئەلنىڭ قەلبىدە

ئېزىزجان زىيائىددىن،مېھرىگۈل سەمەت

2014.11.26 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەل ئابىدە خەيىر-ساخاۋەت ئەترىتى قاغىلىق تارماق گۇرپپىسىى قۇرۇلغان قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە، يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ، تەدرىجىي زورىيىپ مۇنتىزىم ئادەم كۈچى، ماددى كۈچ، مالىيە كۈچىگە ئىگە، باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان ئىسمى-جىسمىغا لايىق خەيىر-ساخاۋەت ئەترىتى بولۇپ قالدى.

  بۇ ئەترەت قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭ ئەل ئابىدە خەيرى-ساخاۋەت باش ئەترىتىنىڭ يېتەكلىشى، ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 160 نامرات ئوقۇغۇچى،160 نامرات ئائىلىگە 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كىيىم-كېچەك، ئوقۇش قوراللىرى، ئۇن، ياغ، گۈرۈچ، كۆمۈر، 22 مىڭ يۈەن نەق پۇل بەردى؛ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن 2 نامرات دېھقان پەرزەنتىگە 14 مىڭ يۈەن نەق پۇل بەردى؛ ئاجىز، مېيىپ، ياشانغان، باققۇچىسى يوق 7 نامرات دېھقاننىڭ داۋالىنىش چىقىملىرىغا 22مىڭ يۈەن نەق پۇل بەردى؛ ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى ياشانغانلارنى 1500 يۈەن قىممىتىدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن يوقلاپ،ئۇلارغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بەردى.

  قاغىلىق ناھىيە كۆكيار يېزا دوڭزىللا كەنتىدە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىىۋاتقان ئەترەت كەنت ئاھالىسى ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، باش ئەترەت قۇرغۇچىسى مىنەۋەر خانىمنىڭ پىلانلىشى، ناھىيەلىك پارتكوم رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشى، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەر قايسى تارماق ئەترەتلەرنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى بىلەن 5-ئاينىڭ 12-كۈنى دوڭزىللا كەنتى تىزناپ دەرياسىدا ئەسلىدە بار بولغان كونا كۆۋرۈك يېنىغا يېڭىدىن «ئەل ئابىدە بەخت كۆۋرۈكى»گە ئىش باشلىغاندا 120000 يۈەن يىغىلىپ، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى كۆۋرۈكنى پۈتتۈرۈپ، شۇ يەردىكى دېھقان- چارۋىچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

  ئەل ئابىدە خەيىر-ساخاۋەت ئەترىتى قاغىلىق تارماق گۇرپپىسىىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شياڭگاڭ چياۋفېڭ گۇرۇھىنىڭ باش لىدېرى جاۋ گاڭ ئەپەندى كۆۋرۈكنىڭ لېنتا كېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇراسىمدا قاغىلىق ناھىيە كۆكيار يېزا دوڭزىللا كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئۆگىنىشتە ياخشى 90 ئوقوغۇچىغا 10 مىڭ يۈەن نەق پۇل، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە 15مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 2 تېلېۋىزور تەقدىم قىلدى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر