باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

2015-يىللىق مەملىكەتلىك ماگېستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ

2014.11.26 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بەرگەن خەۋىرى: 25-چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقى 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ماگېستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى ھەققىدە سىن يىغىنى ئېچىپ، 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ماگېستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ماگېستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى 2014-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ. مائرىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىر دۇ يۈبو يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىمتىھان بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك، تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئالاقىدار مېخانىزملارنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىمتىھان مۇھىتىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى قىسىمدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى-تاشقى ئامىللارغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىنمۇ تۈزەپ، 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ماگېستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، تىنچ، ئوڭۇشلۇق ئېلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر