باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز مالىيەسى كېلەر يىللىق شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا 69 مىليارد 720 مىليون يۈەن تولۇقلىمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈردى

69 مىليارد 720 مىليون تولۇقلىما مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى

2014.11.20 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركەز مالىيەسى يېقىندا 2015-يىللىق شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خامچوتىدىن 69 مىليارد 720 مىليون يۈەن تولۇقلىمىنى ئالدىن چۈشۈپ، شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ باھاردا دەرس باشلىغان ھامان نورمال يۈرۈشىشىگە، شۇنداقلا «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، تولۇقلىما بېرىش» سىياسىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى ئۆلكىلەر 2015-يىللىق خامچوت كۆرسەتكۈچىنى ئايرىپ چۈشۈرۈش ۋە يەرلىك خامچوتنى تۈزۈش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەبلەغنى ۋاقتىدا تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ 2015-يىللىق يۆتكىمە چىقىم خامچوتى بېكىتكەندىن كېيىن، مەركەز مالىيەسى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ 2015-يىلى مەركەز مالىيەسىدىن ئۈستىگە ئالىدىغان شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى تولۇقلىمىسى خىراجىتىنىڭ خامچوتىنى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ، ھەمدە كۆپ بولسا قايتۇرۇش، ئاز بولسا تولۇقلاش پىرىنسىپىغا ئاساسەن خىراجەت خامچوتنى تەڭشەيدۇ. (مۇخبىر لى لىخۇي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر