باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى «211 قۇرۇلۇشى» ۋە «985 قۇرۇلۇشى»نى بىكار قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس دېدى

2014.11.15 08:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى بېيجىڭ 13-نويابىر تېلېگراممىسى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپ ۋە ئەڭ ياخشى پەن بەرپا قىلىش ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى ئىستىراتىگىيەلىك تېزلىتىش تەدبىرى. دۆلەت يولغا قويغان «211 قۇرۇلۇشى»، «985 قۇرۇلۇشى»، «ئەۋزەل پەنلەردە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى» ۋە «ئالاھىدە-نۇقتىلىق پەنلەر تۈرى» قاتارلىق تۈرلەر ئارقىلىق ئېلىمىز ئالىي مائارىپى بىر پۈتۈن سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇنىڭدىن كېيىن تەرەققىيات يۇقىرى چېكىنى لايىھەلەش يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەكرارلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توپلانما ئۈنۈمى ئۆستۈرۈپ، ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپ ۋە ئەڭ ياخشى پەن بەرپا قىلىشنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، «211 قۇرۇلۇشى» ۋە «985 قۇرۇلۇشى»نى بىكار قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس دەپ كۆرسىتىلدى. (ئابدۇرېھىم ياقۇپ تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر