باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى ئاھالىلەرنىڭ توك پۇلى قاتارلىق «قوشۇمچە ھەق»لەر تەرتىپكە سېلىنىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ، پۇقرالار قائىدىگە خىلاپ ھەقنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق

2014.11.17 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 13-نويابىر، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مىكرو بىلوگىدا «نېمە ئۈچۈن بىر يىل ئىچىدە ئاھالە تۇرمۇش توك ھەققى 27 مىليارد يۈەن كۆپىيىدۇ؟ −− توك، سۇ، ماي باھاسىدىكى «قوشۇمچە ھەق» ھەققىدە ئىزلاپ تەكشۈرۈش» دېگەن خەۋەر بېرىلدى.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مىكرو بىلوگى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، دۆلىتىمىز خەلق تۇرمۇشى بايلىقلىرىدىن ئېلىنىدىغان «قوشۇمچە ھەق»لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەقلەر ۋە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندلارنى تەرتىپكە سالىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرىدۇ. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كاتالوگ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەقلەر ۋە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندلارنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 15-نويابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدىمۇ باھا ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، باھانى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. (دۇ فاڭ، خەن جيې، ۋاڭ سۈنفۇ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر