خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەلىك دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىدىن ياقا بازىرى كىرىش 2- كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى 8- ئايدا يۇقۇرنىڭ 1 مىلىيۇن 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سۇ قۇرۇلۇشى تۈر مەبلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 4200 مىتېر ئۇزۇنلۇقتا بەش تاناپلىق سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ، 41 ئورۇندا توغان ئېغىزى، 25 ئورۇندا كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشلار يېقىدا پۈتتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى ، بۇنىڭ بىلەن 5 مىڭ 200مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرنى سۇغۇرۇش قىيىنچىلىقى ھەل قىلىنىپ، 380 دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى 2000غا يېقىن دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يىللاردىن بۇيان كۈتكەن ئۈمىدى ئاخىرى رېئاللىققا ئايلاندى. مۇخبىر: كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن
سۈرەتتە: 16- نۇيابىر خىزمەت گۇرۇپپسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ۋە توغان ئېغىزى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى