خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-نويابىر، ئادىل چاڭشادىكى شىركىتىدە ئۆزلىرى چىقارغان سوقماقنىڭ يېڭى ئورالما مەھسۇلاتىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.
ئىككى خەنزۇ ساۋاقدىشى بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلىگەن «سوقماق شاھى» ئادىل يېقىندا چاڭشادا يېڭى مەھسۇلاتى «سوقماقنىڭ كۈچى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىلگىرىكى چوڭ بۆلەكلىك سوقماقنى پىششقلاپ ئىشلەپ ئەپچىل ئورالمىلىق سوقماق قىلىپ، 25-نويابىردىن باشلاپ ئۆزلىرىنىڭ تور دۇكىنىدا رەسمىي سېتىشقا باشلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گا فوتوسى)