باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار ئىشخانىسى جەمىيەتكە«ئەڭ گۈزەل ياشانغاندا ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرغان شەخسنى» ئېلان قىلدى

2014.11.21 10:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى 19-نويابىر جۇڭگو تور تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا جەمئىيەتكە ۋۇ ساڭپىڭ، يۈن چىرۇڭ، ۋېي فېڭيىڭ، لى خې، ياۋ مېيفاڭ قاتارلىق 17 نەپەر «ئەڭ گۈزەل ياشانغاندىمۇ ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرغان شەخسنىڭ» ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى.

  بۇ 17 نەپەر ياشانغان كىشى ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار رولىنى ئۇرغۇتۇپ، قالدۇق كۈچىنى جارى قىلدۇرغان، بەزىلىرى ئۆمىرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا مائارىپ پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ 1- سېپىدا كۈرەش قىلغان، بەزىلىرى ياشانغانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىغان، بەزىلىرى قەلبىنى چەت ياقا رايوندىكى شىنجاڭنىڭ داۋالاش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە بېغىشلىغان، بەزىلىرى كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىپ قاقاسلىقنى كۆكەرتىشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ جىسمىدا ھازىرقى زامان ياشانغان كىشىلىرىنىڭ ياخشى روھى قىياپىتى نامايەن بولدى، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى كادىر ۋە ئاممىنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۆگىنىش ئۈلگىسى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن نەمۇنىچىلەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر